كۆپچىلىك بەلەنمۇ؟
يىقىندىن بۇيان سالون باشقۇرۇش دىتالى ۋىيشاۋباۋ توختاپ كەتكىلىمۇ ئۇزۇن كۈنلەر بوپ كەتتى…
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن كۆپچىلىك تولا سوراپ كەتكەن ئىنتايىن قولايلىق بولغان بۇ قىستۇرمىنى ( بۇ كومپىيۇتىرغا قاچىلايدىغان دىتال ئەمەس،بەلكى كومپىيۇتىرنىڭ تور كۆرگۈچىگە قاچىلايدىغان قىستۇرما) تورداشلارنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن سۇنماقچى بولىۋاتىمىز…
ئالدى بىلەن تونۇشتۇردىغىنىمىز ۋولقان سالون تىما تەييارلاش ياردەمچى قىستۇرمىسى بولۇپ بۇ قىستۇرمىنى ئىزقۇت تور تىخنىكا چەكلىك شىركىتى كەڭ سالوندارلار ئۈچۈن تەييارلاپ ھەقسىز تارقاتقانىكەن.
قىستۇرمىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى مانا مۇنداق:
قىستۇرمىنى قاچىلاپ سالون تىما تەييارلاش بىتىنى ئاچقاندىن كىيىنكى ھالىتى مانا مۇنداق:
كۆرگىنىڭلاردەك بۇ قىستۇرمىنى ئىشلىتىپ كومپىيۇتىردا تىما تەييارلىغاندا ئۇيغۇرچە خەت ۋە پىنيىنچە خەتلەر نورمال ھالەتتە ئارلىشىپ كەتمەي كۆرنىدىكەن.
باشقا سالوندىن مەزمۇن كۆچۈرۈپ كۆنۈپ كەتكەنلەر ئۈچۈن تېما كۆچۈرۈش دەپ بىر ئىقتىدارى بار بولاپ سىز پەقەت كۆچۈرمەكچى بولغان تىمىنىڭ سالون ئۇلانمىسىنى چاپلىسىڭىزلا تىمىنى شۇ ھالىتىدە كۆچۈرۈپ ئەكەپ بىرىدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا ئىقتىدارلىرىنى مەزكۇر قىستۇرمىنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن كۆرۈسەڭلا بولىدۇ،ئەسكەرتىش بۇ كومپىيۇتىرنىڭ تور كۆرگۈچىنىڭ قىستۇرمىسى،تىلفۇندا ئىشلىتەممەيسىز….
مۇھىم گەپكە كەلسەك بۇ قىستۇرمىنى كومپىيۇتىرغا قانداق قاچلايمىز دىگەندە :
ئالدى بىلەن ئىزھار بىلوگى ئەپچىسىدىن بۇ قىستۇرمىنى چۈشۈرىۋالمىز….
ئاندىن چۈشۈرۋالغان ھۆججەتنى پىرىستىن يىشىپ كومپىيۇتىرىمىزدىكى گوگۇل تور كۆرگۈچىنى ئاچىمىز….
ناۋادا كومپىيۇتىرىڭىزدا گوگۇل تور كۆرگۈچى بولمىسا ئاستدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ ياكى بۇ ئۇلانمىدىن (https://www.google.cn/chrome/) چۈشۈرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ئاندىن گوگۇل تور كۆرگۈچنىڭ توربەت كىرگۈزۈش رامكىسىغا chrome://extensions نى كىرگۈزۈپ چىققان كۆزنەكتە ئاستىدا كۆرسىتىلگەن بويىچە قىلىمىز.
ئاندىن باياتىن چۈشۈرۈپ پىرىستىن يەشكەن ھۆججەت قىسقۇچ بار ئورۇننى تاللاپ مۇقىملاشنى باسساق قىستۇرما مۇۋاپىقيەتلىك قاچىلنىدۇ.ئاندىن ئىشلىتىشنى باشلاپ كەتسەك بولىدۇ.
akaltun37天前
https://bg.izhar.cn/wp-content/uploads/2021/04/96d6f2e7e1f7.pngzulmatjan1个月前
چۈشۈرگىلى بولمدىيا مەخپى نۇمۇر خاتا داپ再不努力我们就老了 11个月前
makulakaltun11个月前
ھەممەيلەننى ئالتىنجى دەرىجىگى ئەچىقىپ قويىڭەپىنھان11个月前
چۈشۈرگىلى بوممايدىكەن殇v 1年前
چۈشۈرۈشღ᭄ꦿ꫞꯭᭓꯭꫞꯭ℳ᭄ 1年前
سالون باشقىردىغان دىتالغا دەرىسلىك قىلىپ يوللاپ بەرسەڭلە ھۈددەس ياخشى بولۇردىsardar(大忙人)... 1年前
بىلىپ بىلمەي ئىلان چىكىلىپ كەتتى😃