سالام قۇتيارنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى
ئىلگىرى مەن قۇتيار مۇنبىرى بار چاغدا سالون قۇرۇش توغرىلىق 4 قىسىم يازمىچە دەرسلىك تەييارلاپ ھەقسىز تارقاتقان ئىدىم، ئەمما كېيىنچە بىر قىسىم ھايانكەشلەر ئۇ دەرسلىكنى 100 يۈەندىن ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ پۇلغا سېتىپ يۈرگەن ئەھۋاللار بولغان، ئۇ چاغدا سالون قۇرۇش ئانچە بەك ئومۇملاشمىغان شۇڭىمۇ سالونغا قۇرالايدىغانلار ئانچە بەك كۆپ ئەمەس ئىدى. ھازىرمۇ بۇرۇنقىدىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ ئەمما ئۆزگىرىشمۇ يوق ئەمەس. شۇڭا بۇ قېتىم مۇشۇ يازمىچە دەرس ئارقىلىق، سالون قۇرۇشنى تېخىمۇ تەپسىلىي سۆزلەشنى قارار قىلدىم. سالون قۇرۇش ئارزۇسى بار شەخس ۋە ئورۇنلارنىڭ مۇشۇ دەرسلىك بويىچە مۇكەممەل سالون قۇرۇپ پايدىلىنىپ قېلىشىنى سورايمەن.
ئۇنداق بولسا دەرسنى باشلاپ كېتەيلى؛
سالون قۇرۇشقا كېتەرلىك ئۇچۇرلار تۆۋەندىكىدەك:
1-سالون قۇرغۇچىنىڭ نامىدىكى ئېلخەت (电子邮箱).
2-مۇقىم ئىشلىتىدىغان يانفون نومۇرى.
3-مۇقىم ئىشلىتىدىغان، ئۆزىنىڭ يانفون نومۇرىغا باغلانغان خاس ئۈندىدار.
4-سالون قۇرغۇچىنىڭ كىملىك ئۇچۇرى (يەنى ئىسىم ۋە كىملىك نومۇرى).
5-سالونغا ئىشلىتىدىغان ئىسىم (qutyar دېگەندەك).
مانا مۇشۇ 5 ئۇچۇرلارنى تولۇقلاپ بولۇپ سالون قۇرۇشنى باشلايمىز.
ئالدى بىلەن تېڭشۈننىڭ https://mp.weixin.qq.com مۇشۇ ئادرېسىغا كىرىپ سالونغا تىزىملىتىش ۋە سالونغا كىرىش (ئەلۋەتتە ئەپچاق كىرىش ئېغىزىمۇ ھەم مۇشۇ شۇ) مەشغۇلاتىنى ئېلىپ بارىمىز.
شۇ بەتنى ئاچقاندىن كېيىن 立即注册 نى باسىمىز.
بۇ بەتتە تۆت خىل تاللاش بار، بۇلارنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي:
订阅号 دېگىنىمىز ھەر كۈنى بىر قېتىم مەزمۇن يوللىغىلى بولىدىغان، بىر قېتىمدا 8 پارچە مەزمۇن قىستۇرۇشقا بولىدىغان زاكاز (مۇشتەرى) نومۇرنى كۆرستىدۇ. ئادەتتە سىز مۇلازىمەت خاراكتېرىنى ئاساس قىلمىسىڭىز مۇشۇ سىزگە ئەڭ مۇۋاپىق. ئادەتتە ئۈندىدارىڭىزنىڭ 订阅号信息 دېگەن يېرىدە كۆرۈنىدۇ، ئايرىم مۇستەقىل پاراڭلىشىش ھالىتىدە كۆرۈنمەيدۇ.
يەنى مانا مۇشۇنىڭ ئىچىدە كۆرۈنىدۇ، ھەر قېتىم ئۇچۇر كەلگەندە يەنى سالونغا مەزمۇن يوللىغاندا سىز ياكى كۆرگۈچىلەر مۇشۇ يەرنى ئېچىپ كۆرىدۇ، مانا بۇ زاكاز نومۇرى.
服务号 دېگىنىمىز شىركەت، ئىدارە ئورگانلار ۋە ياكى مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ئۇچۇرلارنى ئېلىپ بارىدىغان مۇلازىمەت نومۇرىنى كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭدا ئايدا پەقەت 4 قېتىملا مەزمۇن يوللاشقا بولىدۇ، ھەر قېتىمدا پە قەت 8لا مەزمۇن يوللىيالايسىز، بۇ مۇستەقىل ئۈندىداردەك ئادەتتىكى پاراڭلاشقان ئادەملىرىڭىزنىڭ ئارىسىدا تۇرىدۇ، يەنى قۇتيارنىڭ شوپۇرلۇق مۇلازىمەت سالونىغا ئوخشاش.
بۇنى ئەمدى چوقۇم شۇنداق مۇلازىمەت ئىشلىرىغا يەنى مۇشۇ سالون ئارقىلىق كۆپ ئادەمگە مۇلازىمەت قىلىدىغان، مۇشۇ سالون ئارقىلىق باشقىلار كۈندە كىرىپ چىقىپ پايدىلىنىدىغان بولسا قۇرسىڭىز بولىدۇ، بولمىسا مەزمۇن يوللاش قېتىم سانى ئاز بولغاچقا پايدىلىنالماي قالىسىز.
小程序 دېگىنىمىزنى چۈشەندۈرمىسەممۇ بولار دەيمەن، چۈنكى ھازىر ئەڭ مودا بولغان ھەم ئالقىشلىنىۋاتقان ئۈندىدارنىڭ ئەپچاق سىستېمىسى شۇ، نۇرغۇنلىغان ئورۇنلارنىڭ شەخسلەرنىڭ ئەپچاق سىستېمىسى بار، كىنو ۋە ياكى لۇغەت ۋە ياكى شۇنىڭدەك پايدىلىنىشچانلىقى يۇقىرى ئىشلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنىڭدا قىلىدىغان بوپ كەتتۇق. شۇڭا بۇنى ئارتۇقچە ئىزاھلاش كەتمەيدىغۇ دەيمەن.
企业微信 دېگىنىمىز ھازىر خېلى ئومۇملىشىپ قالغان بىز ئىشلىتىۋاتقان ئۈندىدارنىڭ كارخانىلار ئۈچۈن چىقارغان نۇسخىسى، يەنى 钉钉 غا ئوخشاش دەپ چۈشەنسەكمۇ بولىدۇ، يوقلىما قىلىش، توپتا دەرس سۆزلەش…. دېگەندەك نۇرغۇن ئىقتىدارلىرى بار.
خوش ئەمىسە يۇقارقى تۆت تۈرنى چۈشەندىڭىزغۇ دەيمەن، ئۇنداق بولسا مەن زاكاز نومۇرى ئارقىلىق سالون قۇرۇشنى باشلا كەتتىم؛
订阅号نى باسقاندىن كېيىن تۆۋەندىكدەك ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇش كۆزنىكى چىقىدۇ؛
ئېلخەتنى توشقۇزۇپ بولۇپ، دەلىللەش كودىنى ئېلخەتكە يوللىغاندىن كېيىىن ئېلخەت ساندۇقىمىزغا كىرىپ دەلىل كودنى كۆچۈرۋالىمىز.
دەلىل كود ئېلخەتكە يوللىنىپ بولغان ھالەت؛
دەلىل كود ئېلخەتكە كەلدى بۇنى كۆچۈرۈپ سالون بېتىدىكى دەلىل كود كۆزنىكىگە كىرگۈزىمىز.
ئاندىن پارول بەلگىلەيمىز.
داۋامى بار…
تېما يارىغان بولسا تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇماڭ، سالوندىكى ھەرقانداق تېمىنى خالىغانچە رۇخسەتلىك ياكى رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ، ئەمگىكمىزنى ھۆرمەت قىلىڭ، قولىڭىزدىن كەلمىگەنگە ئېسىلماي قولىڭىزدىن كەلگەننى قىلىڭ، ئوغرىلاپ تېما يوللاپ سالون باشقۇرۇش نومۇس ئىش.
مۇناسىۋەتلىك نادىر يازمىلار
يازمىمىز يارىغان بولسا يازمىمىزنىڭ ئوتتۇردىكى ۋە ئەڭ ئاستىىدىكى ئېلانلارنى چېكىپ قويۇشىڭىزنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمىز. سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ كېيىنكى نادىر يازمىلارنى تەييارلىشىمىزغا تۈرتكە بولغۇسى.
再不努力我们就老了 8个月前
makulakaltun8个月前
ھەممەيلەننى ئالتىنجى دەرىجىگى ئەچىقىپ قويىڭەپىنھان8个月前
چۈشۈرگىلى بوممايدىكەن殇v 10个月前
چۈشۈرۈشღ᭄ꦿ꫞꯭᭓꯭꫞꯭ℳ᭄ 11个月前
سالون باشقىردىغان دىتالغا دەرىسلىك قىلىپ يوللاپ بەرسەڭلە ھۈددەس ياخشى بولۇردىsardar(大忙人)... 12个月前
بىلىپ بىلمەي ئىلان چىكىلىپ كەتتى😃🇨🇳ãℳℜěKěℳ彡🇨🇳 12个月前
يانفۇندا تورلاشتۇرۇپ ئوينادىغىنى يوقماAKSA 12个月前
ياخشى ئوبدانمۇ ياخشى.