تىما ماۋزۇسى: ئەپچاققا ئىشلەتكۈچى ئۆزى تاللاپ ئىشلىتدىغان خەت نۇسقىسى قوشۇش
ئاپتورى:ئىزھار بىگىم مەنبە:ئىزھار بىلوگى
بۈگۈن تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغىنىمىز ئەپچىقىمىزغا ئەپچاقنى ئىشلەتكۈچى ئۆزى خالىغانچە تاللاپ ئىشلىتىدىغان خەت نۇسقىسى قوشۇش ئۇسۇلى
مەسىلەن ماۋۇ رەسىمدە يەنى بىزنىڭ بىلوگ ئەپچاقنىڭ 1.1.2 نەشىردە بىز ئىشلەتكۈچىنى تاللاپ ئىشلەتسۇن دەپ 3 تال خەت نۇسقىسى تەمىنلەپ بەردۇق(كەلگۈسى نەشىرلىرىدە تىخىمۇ كۆپ قوشۇلماقچى)
ئەمدى نەق گەپكە قايتىپ كەلسەك :
ئالدى بىلەن مەن ئەپچاقنىڭ مەزمۇن كۆرۈش بىتىدىكى js بۆلىكىنىڭ Page قىسمىغا مۇنداق فونكىسيە قوشتۇم
Page({
data: {},
//A hat
Ahat: function() {
this.setData({
font: "Alpsoft-Bom"
})
},
//B hat
Bhat: function() {
this.setData({
font: "ALKATIP Kufi"
})
},
// C hat
Chat: function() {
this.setData({
font: "UKIJ Tor"
})
},
})
كۆرگىنىمىزدەك بۇ يەردىكى ئۈچ خەت نۇسقىسىغا ئۈچ خىل فۇنكىسىيە بىرىلگەن،خەت شەكلى ئايرىم ئايرىم ھالدا ئا ب س دەپ ئايرىلغان (تىخىمۇ كۆپ قوشماقچى بولسا د دىن باشلاپ قوشساقمۇ بولىدۇ).
بۇ يەردە ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قوياي،يۇقىردا ئىسمى يىزىلغان بارلىق فونتلارنى ئاۋال باش مۇندەرىجىدىكى app.wxss كە قوشىۋىلىڭ.
ئاندىن مەزمۇن كۆرۈش بىتدىكى wxml غا تۆۋەندىكىدەك ئىنىقلىما بەردىم
<view class="container izharbegim-page-view" style="font-family:{{font}};">
<view class="hat">
<view class="hattallax">
<button bindtap="Ahat" style="font-family:Alpsoft-Bom;">خەت نۇسقىسى</button>
</view>
<view class="hattallax">
<button bindtap="Bhat" style="font-family:ALKATIP Kufi;">خەت نۇسقىسى</button>
</view>
<view class="hattallax">
<button bindtap="Chat" style="font-family:UKIJ Tor;">خەت نۇسقىسى</button>
</view>
</view>
</view>
بۇ يەردىكى قىزىل سىزىقتا ئەسكەرتىلگىنى بولسا بىز باياتىن js بۆلىكىگە تاللاپ بەرگەن فونتلارنى تارتىپ ئىلىپ چىقىشقا مەسئۇل.
يىشىل سىزىقتا سىزىپ قويغنىم بولسا ئۈستىدىكى قىزىل سىزىقتىكى ئاداش تاتىپ چىقاغان خەت نۇسقىنى تونۇشقا مەسئۇل.
<button bindtap="Ahat" style="font-family:Alpsoft-Bom;">خەت نۇسقىسى</button>
تىخىمۇ ئىنىق بىلىۋالسۇن دەپ سىرىق رەڭلىك سىزىقتىمۇ سىزىپ قويدۇم.ئاندىن بۇنىڭغا css بىرىپ گۈزەللەشتۈرۋەتسەك ئاددىيغىنا خەت نۇسقا ئالماشتۇرۇش ھالىتى پۈتۈپ چىقتى.
سىرىق سىزىقتا سىزىلغان button كونۇپكىنى ئىپادىلەيدۇ،bindtap بولسا كونۇپكىنىڭ ئۇلانمىسى دىسەكمۇ بولىدۇ،چۈنكى بىز ئىشلەتكەن كودتا bindtap دىگەن ئاداش C hat نى تاتىپ ئاچىقىپ بىزگە كۆرسىتىپ بەردى.
بىلەممىگەن ئۇقاممىغان قىلاممىغان بولسىڭىز ئاستىدا ئىنكاس شەكلىدە ياردەم سورسىڭىز بولىدۇ.
بىلوگىمىزنىڭ شۇئارى: بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس،سورىماسلىق ئەيىپتۇر…
سالونىمىز سىزگە يەنە بۇلارنى تەۋسىيە قىىلدۇ
ئوخشاش باشلىنىش VS ئوخشىمغان نەتىجە
پىروگىراممىرنىڭ خوتۇنى VS پىروگىراممىر ئەمەسلەرنىڭ خوتۇنى
ئەپچاققا (رىغبەتلەندۈرۈش ئىلانى )قوشۇش دەرىسلىكى
سالونىمىزنىڭ ئىنكاس يىزىش ئىقتىدارى بولمىغانلىقى ئۈچۈن بەك ئىنكاس يازغۇڭىز كەپ كەتسە بىزنىڭ ئەپچاققا كىرىپ مۇشۇ تمىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس يىزىپ ئويلىغىنىڭىزنى دىسىڭىز ئورتاقلاشساق بولىدۇ…
تىما ماۋزۇسى: ئەپچاققا ئىشلەتكۈچى ئۆزى تاللاپ ئىشلىتدىغان خەت نۇسقىسى قوشۇش
ئاپتورى:ئىزھار بىگىم مەنبە:ئىزھار بىلوگى
تىخىمۇ كۆپلىگەن ھۆنەرلەر گە قىزىقسىڭىز سالونىمىزنى قوشىۋىلىڭ،يا سىزگە پايدا يا بىزگە (پايدا)
مەزكۇر يازما ئىزھار بىلوگىدىن كەلگەن،
چەمبىرەككە چىقىرىپ قويسىڭىز ئەتراپىڭىزدىكى مۇشۇ ھۆنەرگە قىزقىدىغان دوسلىرىڭىز « ئەپچاققا ئىشلەتكۈچى ئۆزى تاللاپ ئىشلىتدىغان خەت نۇسقىسى قوشۇش» ناملىق بۇ ھۆنەرنى بىلىۋالىدۇ.ئەمىسە تارقىتىش سىزگە قالدى. (زەن بىلەن زەيكەننى باسسىڭىز ھىچقاندا بوممايدۇ،ئىشەنمىسىڭىز سىناپ بىقىڭ)