سالونغا ئەگەشكەندىن كىيىن تىمىنى تولۇق كۆرگىلى بولىدىغان قىستۇرما كەلدى


سالام تورداشلار~

 ۋوردپىرىس ئاساسىدا بىلوگ ياكى باشقا توربىكەت ئىچىۋاتقان تورداشلارنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ قىستۇرمىنى ھوزۇرۇڭلارغا ئىلىپ كەلدىم.

بۇ قىستۇرمىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا ھاسىللايدىغان دەلىللەش كودى مۇقىم ئەمەس ئۆزگىرىشچان بولۇپ دەلىللەش كودىنى بىلىۋىلىپلا سالونىڭىزدىن قىچىپ كىتىدىغان قاچاق ئەسكەرلەرنى سالونىڭىزدا تۇتۇپ قالالايدۇ.

ئىلىشتىش ئۇسۇلى بەك ئاددى بولۇپ سالونغا باغلاش كەتمەيدۇ،سالونغا يوللايدىغان ھالقىلىق سۆز بىلەن ئارقا بەتكە يازغان ھالقىلىق سۆزنى ئوخشاش قويىمىز يەنى سالونغا izharjan دىگەن ھالقىلق سۆزنى قويدۇم شۇڭا قىستۇرما بىتىدىكى ھالقىلىق سۆزمۇ izharjan بولىشى كىرەك.

ئاندىن سالونغا izharjan دەپ ھالقىلىق سۆز بىكىتكەندىن كىيىن

<a href="https://bg.izhar.cn/wxApi.php?url_captcha=get_captcha">تەستىق كودى</a>

نى ھالقىلىق سۆزنى يوللىسا سالونغا ئەۋەتىدىغان ئۇچۇرغا يازىمىز.ئەلۋەتتە تورنامنى ئۆزىڭىزنىڭ تورنامىغا ئالماشتۇرسىز،

دىققەت قىلىدىغان بىر ئىش قىستۇرما بىتىدىكى

بۇ قىستۇرما ھەقسىز تارقىتىلدى،چۈشۈرۈش ئۈچۈن قىستۇرمىنى سىنىغاچ چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ .

ئىشلىتىش ئۇسۇلى

قىستۇرمىنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن ئاستىدىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك تەڭشەككە كىرىپ ئۇچۇرلارنى تولدۇرسىڭىز بولىدۇ.
ئاندىن تىما يىزىش بىتىگە كىرىپ تىما يىزىشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ،تىمىنى يىزىپ بىرەر دىتالنى چۈشۈردىغان يىرىگە كەلگەندە تەھرىرلىگۈچنى 文本 ھالىتىگە ئەكەلسەك ئاستىدىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك بىزنىڭ قىستۇرمىنىڭ نامى چىقىدۇ.
ئاندىن يوشۇرماقچى بولغان ئۇلانمىنى كودنىڭ ئارىسىغا قويىمىز يەنى ئاستىدىكىدەك
<izhar_wx> https://bg.izhar.cn </izhar_wx>

ئەمدى بىز بۇنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈپ باقايلى (بۇ قىستۇرما باشقۇرغۇچىغا ئۈنۈمىنى كۆرسەتمەيدۇ ،يەنى باشقۇرغۇچى بۇ قىستۇرمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ،شۇڭا باشقا تور كۆرگۈچتە ئىچىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.)




© بايانات
THE END
ياقتۇرسىڭىز قوللاپ قويۇڭ
يۈرەك بىرىش0تارتۇقلاش
بەھىرلىنىش
ئىنكاس سىز ئاۋال ئىنكاس يىزىڭ

ئاۋال كىرىپ ئاندىن ئىنكاس يىزىڭ