تەۋسىيە فىلىم :ئاددىي ئادەم


خاچ (بوب ئودېنكرىك) ئاددىي ـ ساددا تۇرمۇش كەچۈرىدىغان، تۇرمۇشى بىر خىل رېتىمدىلا ئۆتىدىغان بىر دادا، تۇرمۇشى زېرىكىشلىك ئۆتكەندىن باشقا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ ناھايىتى سىرلىق، ئايالى بىلەن ئۇخلىغاندىمۇ ئارىلىققا ھەمىشە ياستۇقتىن بىرنى قويۇۋالىدۇ، ئوغلى بىلەنمۇ ئانچە پىكىر ئالماشتۇرمايدۇ، كىچىك قىزىلا ئۇنىڭ تۇرمۇشىدىكى بىردىنبىر مەنىۋىي تۈۋرۈكى.

بىر كۈنى كەچتە ئاممىۋىي ئاپتوبۇستا ئۇنىڭ شوپۇردىن باشقا بىردىنبىر سەپەردىشى بولغان قىز بىر توپ مەستلەرنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرايدۇ، ئۇ مەردانىلىك بىلەن بۇ مەستلەرنىڭ ئەدىپىنى بېرىدۇ، ئاپتوبۇستىكى بۇ كۆرۈنۈشلەر بەكلا ھەيۋەتلىك، ئادەمنى پۇخادىن چىقىرىشقا يېتىپ ئاشاتتى، چاتاق بولغىنى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى قاتتىق يارىلانغان بىرى چوڭ بىر قارا گۇرۇھ كاتتىبىشىنىڭ ئىنىسى چىقىپ قالىدۇ، بۇ كاتتىباش بىلەن بولىدىغان «جەڭگە» قارىغاندا شۇنچە ھەيۋەتلىك ئاپتوبۇس ۋەقەسى كىچىك بالىلارنىڭ ئويۇنىچىلىك ئىدى.



© بايانات
THE END
ياقتۇرسىڭىز قوللاپ قويۇڭ
يۈرەك بىرىش2تارتۇقلاش
بەھىرلىنىش
ئىنكاس جەمىي1تال

ئاۋال كىرىپ ئاندىن ئىنكاس يىزىڭ