يانفوندىكى ئاپتوماتىك پۇل تۇتىۋالىدىغان مۇلازىمەتلەرنى تاقاش


 

بەزى ئەپ، ئەپچىلەرنىڭ VIP ھەقلىق مۇلازىمىتىنى ئاچساق كېيىنكى ئايلاردا بىزنى ئاۋارە قىلمايلا پۇل تۇتۇشنى ئاپتوماتىك تاماملىۋېتىدىغان «ئەلا» مۇلازىمىتى بار.

بۇ گەرچە بەك كۆپ پۇل بولمىسىمۇ كېيىنكى ئايلاردا ئۇ مۇلازىمەتنى ئىشلەتمىسەك لېكىن داۋاملىق پۇل تۇتىۋەرسە ياخشى بولمايدۇ.
ئاپتوماتىك پۇل تۇتىۋېلىشنى ئىتىۋېتىدىغان تەڭشەكلەر بار، لېكىن ئۇ تەڭشەكلەر ئۇ ئەپ ياكى ئەپچىنىڭ ئۆزىدە ئەمەس، بولۇپمۇ ئايفوننىڭ سەل ئالاھىدە يەردە.

ئايفوندىكى ئاپتوماتىك ھەق تۇتىۋۋالدىغان مۇلازىمەتنى تاقاش.
ئايفوندا 设置 تەڭشەككە كىرىپ، Apple ID نىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ئىستىرىلكىنى چېكىپ، Apple ID بېتىگە كىرىمىز.
يانفوندىكى ئاپتوماتىك پۇل تۇتىۋالىدىغان مۇلازىمەتلەرنى تاقاش
ئاندىن 订阅 نى چېكىپ كىرىمىز.
يانفوندىكى ئاپتوماتىك پۇل تۇتىۋالىدىغان مۇلازىمەتلەرنى تاقاش
شۇ يەردە بىز مۇشتەرى بولغان ئاپتوماتىك پۇل تۇتىۋالىدىغان مۇلازىمەتلەر بار.

يانفوندىكى ئاپتوماتىك پۇل تۇتىۋالىدىغان مۇلازىمەتلەرنى تاقاش

ئەمەلدىن قالدۇرۋېتىدىغان مۇلازىمەتنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ئىستىرىلكىنى چېكىپ كىرىپ، 取消订阅 نى  (Cancel Subscription) چېكىپ ئەمەلدىن قالدۇرۋەتسىڭىز ئاپتۇماتىك پۇل تۇتىۋالىدىغان شۇ مۇلازىمەت كېيىنكى ئايدىن باشلاپ توختايدۇ.

يانفوندىكى ئاپتوماتىك پۇل تۇتىۋالىدىغان مۇلازىمەتلەرنى تاقاش

ئايفونغا ئەپ سىتوردىن قاچىلىغان ئەپلەرنىڭ VIP مۇلازىمىتىنى ئاچتۇرۇپ، ئاپتوماتىك پۇل تۆلەيدىغان قىلىپ، ئالىپاي ياكى ئۈندىداردا پۇل تاپشۇرغان بولساق يۇقارقى تەڭشەككە چىقىدىكەن.

ئۈندىدار ئەپچىسى ياكى ئاندرويد ئەپلىرىنىڭ ئۈندىداردىن ئاپتوماتىك پۇل تۇتىۋالىدىغان مۇلازىمىتىنى تاقاش ئۈچۈن مۇنداق مەشغۇلات قىلىمىز:
ئۈندىداردىكى 我-支付 نى چىكىپ، ئاندىن ئوڭ ئۈستى تەرەپتىكى ئۈچ چېكىتنى چەكسەك تۆۋەندىكىدەك چىقىم قىلىشنى باشقۇرۇش بېتى ئېچىلىدۇ.
يانفوندىكى ئاپتوماتىك پۇل تۇتىۋالىدىغان مۇلازىمەتلەرنى تاقاش

شۇ يەردىن 扣费服务 نى تاللىساق ئاپتوماتىك ھەق تۇتىۋالىدىغان تۈرلەر كۆرۈنىدۇ.

يانفوندىكى ئاپتوماتىك پۇل تۇتىۋالىدىغان مۇلازىمەتلەرنى تاقاش

ئاستىدىكى 关闭服务 نى چېكىپ تاقىۋەتسەك، ئاپتوماتىك پۇل تۇتۇش توختايدۇ.
بۇ يەردىكى مۇھىم نۇقتىدا ئىستىمالچىلارنىڭ نېمىگە، قانداق پۇل تاپشۇردىغاننى بىلىش ھوقۇقى.

ئالىپاي ئۆز-ئارا ياردەم (相互宝) دىن چېكىنىش
ئالىپاينىڭ 相互宝 دەپ ئېغىر كېسەل بولۇپ قالسا ياردەم بىردىغان بىر مۇلازىمىتى بار. ئۆزىنى ياكى ئائىلىسىدىكىلەرنى قاتناشتۇرۇپ قويسا بولىدۇ؛ بۇ ئۆز-ئارا ياردەمگە قاتنىشىپ 90 كۈندىن كېيىن شۇلار ئېتىراپ قىلدىغان 100 خىلدىن كۆپ ئۆسمە دېگەندەك ئېغىر كېسەل بولۇپ قالسا 40 ياشتىن تۆۋەنلەر ئەڭ كۆپ بولغاندا 300 مىڭ يۈەن، 40 ياشتىن يۇقىرىلار 100 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلىغا ئېرىشەلەيدۇ.
ئۇ پۇلنى شۇ جەمئىي قاتناشقانلارغا چېچىۋېتىدۇ. بىر ئايدا ئىككى قېتىم چاچىدۇ. بۇ مۇلازىمەتكە قاتناشسا باشقا ئاغرىپ قالغانلارغا ياردەم بەرگىلى بولۇپلا قالماي يەنە ئۆزى، تۇغقانلىرى ئېغىر كېسەل بولۇپ قالسا ياردەمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇ سۇغۇرتا ئەمەس، باشقا سۇغۇرتىلار بىلەن توقۇنۇشمايدۇ.
دەسلەپ قاتناشقاندا بىر قېتىمدا 3 يۈەن ئەتراپىدا تۇتىۋاتاتتى، بارغانسىرى ياردەمگە ئېرىشىدىغانلار كۆپىيىپ كەتتىمۇ بارغانسىرى ئۆسۈپ، ھازىر 6 يۈەنگە چىقتى؛ 60 ياشتىن ئاشقان چوڭلارنىڭ بىر قېتىمدا تۇتىۋالىدىغان پۇلى 28 يۈەنگە چىقىپتۇ.
شۇڭا بەزى تورداشلار بۇنىڭ تۇتىۋالىدىغان پۇلى بارغانسىرى ئۆسىۋاتىدۇ، چېكىنىپ كەتسەم بولاتتى، چېكىنىدىغان يىرىنى تاپالمىدىم دەپ ئىنكاس يېزىۋاتىدۇ؛ چېكىنىدىغان يىرىنى ئاسان تاپقىلى بولمايدىكەن.

بۇ مۇلازىمەتتىن چېكىنمەكچى بولسىڭىز ئالىپاينىڭ باش بېتىدىكى 相互宝 نى چېكىپ، ئاندىن 我的互助 نى چېكىمىز.
ئاندىن تۆۋەندىكى رەسىمدىكى ئىستىرىلكا بىلەن كۆرسىتىپ قويغان 计划详情 دېگەن يەرگە كىرىپ ئەڭ ئاستىغا قارىساق

يانفوندىكى ئاپتوماتىك پۇل تۇتىۋالىدىغان مۇلازىمەتلەرنى تاقاش

退出互助计划 دەپ بار، شۇ يەرنى چەكسەك چېكىنگىلى بولىدۇ.

يانفوندىكى ئاپتوماتىك پۇل تۇتىۋالىدىغان مۇلازىمەتلەرنى تاقاش

لېكىن بۇنىڭغا قاتناشقان تورداشلارنىڭ چېكىنمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلىمىز. چېكىنسىڭىز ئىلگىرى تاپشۇرغان پۇللارنىڭ ھەممىسى بىكار بولىدۇ. ھازىرقى ھالەتتە بىر ئايدا بىر ئادەمگە 12 يۈەن تاپشۇرۇپ قويسا ۋاقتى كەلگەندە ئېغىر كېسەل بولۇپ قالسا ياردەمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، كۆڭۈل خاتىرجەم بولىدۇ؛ ئارىمىزدا بۇنىڭغا قاتنىشىپ ياردەم پۇلى ئالغانلار خېلى بار.



© بايانات
THE END
ياقتۇرسىڭىز قوللاپ قويۇڭ
يۈرەك بىرىش0تارتۇقلاش
بەھىرلىنىش
ئىنكاس سىز ئاۋال ئىنكاس يىزىڭ

ئاۋال كىرىپ ئاندىن ئىنكاس يىزىڭ