ئەگەر دۇنيادا پىروگىراممىلار بولمىسا نىمىشلار يۈز بىرىدۇ؟


ئەگەر دۇنيادا پىروگىراممىلار بولمىسا نىمىشلار يۈز بىرىدۇ؟

ئەگەر مىيېبا(灭霸) بىرلا قاس چىقىرىپ  دۇنيادىكى بارلىق پىروگىراممىرلارنى يوقىتىۋەتسە دۇنيادا قانداق ئىشلار يۈز بىرىپ كىتەر؟
ئەگەر دۇنيادا پىروگىراممىلار بولمىسا نىمىشلار يۈز بىرىدۇ؟
پىروگراممېرلار يوقىلىپ كەتكەندىن كىيىن  ،ھېشقانداق بىر پىروگىرامما  كودلىرى قايتا  يېڭىلانمايدۇ…

ھېچقانداق بىر  يېڭى ئېلېكتىرون مەھسۇلاتى، APP، ئالاقە تورى مۇلازىمىتى بارلىققا كەلمەيدۇ، چۈنكى  بىرە قۇر كود يازىدىغانغا ئادەم يوق🤷🏻‍♀️

يېڭىسى يوق، مۇشۇ پېتى تۇرۇپ قالسىمۇ ياخشىغۇ دەپ ئويلاۋاتقانسىز😺

خېڭ 😼
ئۇنداق ئىش يوق؟داۋاملىق ئاستىغا قايلايلى:
بىر ھەپتىدىن كېيىن: ئالاقە تورى شىركىتى مۇلازىمېتىرىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلۈپ، تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئېغىر دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرايدۇ، ھەرقايسى چوڭ ئالاقە تورى شىركەتلىرى ھەر كۈنى نۇرغۇن ئەرز ـ شىكايەتلەرنى تاپشۇرۇۋالىدۇ، ئاپتوماتسىز مۇلازىمەتچىلەر يىتىشمەي قالىدۇ.
ئەگەر دۇنيادا پىروگىراممىلار بولمىسا نىمىشلار يۈز بىرىدۇ؟
بىر ئايدىن كېيىن: ھەرخىل ئەپلەر، تور بېكەتلەرنىڭ bug لىرى تاغدەك دۆۋلىنىپ، يامايدىغان ئادەم چىقمايدۇ. كىشىلەر توردا چىقىم قىلىشتىن نەق پۇل ئىشلىتىشكە قايتىدۇ.

يېرىم يىلدىن كېيىن: ھەرقايسى چوڭ ئالاقە تورى شىركەتلىرىنىڭ مۇلازىمېتىر قاتتىق دىسكىسىلىرى  توشۇپ يىڭى سانلىق مەلۇماتلار ساقلانمايدۇ ، ساندان  توشۇپ كىتىدۇ، مۇلازىمەت تەرتىپى قالايمىقانلىشىپ، قايتا قوزغىتىشقىمۇ  ئامال بولمايدۇ.

بىر كۈنى:سىز دوۋيىننى ئېچىپ، سىز ئامراق ۋاڭخوڭغا 刷礼物 قىماقچى بولدىڭىز ، لىكىن  ئاكونتىڭىزنىڭ كىرەلمەيۋاتقانلىقىنىنى  بايقىدىڭىز، سىز  يەنە جۈباۋ يەپتىمە دەپ  ئويلايسىز.بولدى ئىككىتال قىسقا سىن كۆرەپ زىرىكىمنى تۈزەي دسىڭىز ھېشقانداق بىر سىن چىقمايدۇ….ھەقاچان يەنە BUG چىققان چىراي ،بىردەم تۇسا ئوڭشىلا…

بىر كۈنى: سالونغا مۇنۇ تىمىنى كۆچۈرۈپ يوللىماقچى بولۇپ ۋىيشاۋباۋنى ئاچقىنىڭىزدا دىڭلۇ بولمايۋاتقننى بايقايسىز،ۋىيشاۋباۋنىڭ ئورگەان تورىغا قارىدىڭىز (پىروگىراممىرلار يوق بولغاچ )ئىچىلمىدى،ئاندىن ئاستا كىلىپ Tehnik-Programmerتوپىدا ۋىيشاۋباۋ ئىچىلمىدى دەيسىز،لىكىن توپتىن سادا كەلمەيدۇ~(چۈنكى پىروگىراممىلار يوق 🙀
)

بىر كۈنى: سىز ناشتىلىق دۇكىنىغا بېرىپ كودنى سىكاننېرلاپ ھەق تۆلىمەكچى بولغاندا، ئىزچىل  پۇل تۆلىيەلمەيسىز، سىز يەنە  سىگنال  ياخشى ئەمەسكەن دەپ ئويلايسىز.

بىر كۈنى: بەيدۇدىن ماتىريال ئاختۇررسىڭىز ھېشنىم چىقمايدۇ،ئۆزىڭىزچە تورۇم تۈگەپتۇ دەپ ئويلايسىز…

دەسلەپتە، كىشىلەر بۇنىڭغا ئانچە  پىسەنت قىلماي، بۇ ئانچىكى  بىرە تور بېكەتنىڭ ئاسرىلىشى ، بىرە ئەپنىڭ  ۋەيران بولىشى ، بىر ئويۇننىڭ توختاپ قېلىشى دەپ ئويلىشىدۇ.

تاكى بۇ ئۆزگىرىش ھەربىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەنكەنگە قەدەر….
ئەگەر دۇنيادا پىروگىراممىلار بولمىسا نىمىشلار يۈز بىرىدۇ؟
مىكرو بلوگتىكى ئاۋات ئىزدەش  يېڭىلانمايدۇ، بۈگۈنكى باش نۇقتا  يېڭى مەزمۇن چىقارمايدۇ، بىۋاستە كۆرسىتىش قاناللرىنىمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ، ئىزھار بىلوگىمۇ مەزمۇن يوللىمايدۇ، ھەر قايسى  چوڭ   بىلوگىر ۋاڭخوڭلارنىڭ ھەممىسى ئىشسىز قالىدۇ.

ئىزدەش ماتورلىرى ئىشلىمەيدۇ،كىشىلەر لازىملىق ئۇچۇرلارنى تاپالمايدۇ…

بۇيرۇتۇم  (外卖) توۋلىغىلى بولمايدۇ،پەقەت يوۋاشلىقچە دۇكانغا بېرىپ ئۆزىڭىز ئەكىلىسىز…

تور دۇكانلىرى تاقىلىدۇ،ئىلىكترونلۇق سودا سۇپىلىرى ۋەيران بولۇپ ھەممسىى ئەمەلى دۇكان ئېچىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ..

بەيدۇ خەرىتىسى يەنە بىرنىمە خەرىتىلىرى  مۇلازىمىتىرغا ئۇلىنالماي توختىماي خاتالىق ئۇچۇرى كۆرسىتىدۇ،سىزمۇ شۇ يول بەلگىلىرىگە قاراپ يول مېڭىشنى ئۆگىنىسىز….

توردىن بىلەت ئالالمايسىز،12306 پۈتۈن كۈن ئاسراش ھالىتىگە ئۆتىدۇ…..

بىر يىلدىن كېيىن: ئالاقە تورىنىڭ ئۇل ئەسلىھەسى DNS مۇلازىمېتىرى، كوممۇتاتور، روتېرمۇ ئىشتىن توختايدۇ، تورنى پۈتۈنلەي ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، كىشىلەرنىڭ يان تېلېفونى، كومپيۇتېرى يېگانە ئارالغا ئايلىنىپ، ئالاقە تورى يوقايدۇ.

نەچچە يىللاردىن كېيىن: كىشىلەر كومپيۇتېر، تور، يانفون، ھەتتا تېلېۋىزور يوق كۈنلەرگە ئاستا ئاستا  كۆنۈپ قالىدۇ.

نەچچە ئون يىلدىن كېيىن: يېڭى ئىنسانلار پىروگراممېرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ كىتىدۇ، ئۇلار پەقەت تارىخ كىتابلىرىدىن: پىروگراممېرلار 0 ۋە 1 ئارقىلىق بىر رەقەملىك مەدەنىيەتنى بەرپا قىلىپ، بىر مەھەل دەۋر سۈرگەن  ئىنسانلار ئىكەنلىكىنى ئوقۇشىدۇ….
ئەگەر دۇنيادا پىروگىراممىلار بولمىسا نىمىشلار يۈز بىرىدۇ؟
پىروگىراممىر =يامان ئادەم

ئەلۋەتتە، يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى  پۈتۈنلەي ئويدۇرما، راست دېيىشنىڭ ھاجىتى يوق.

لېكىن ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغىنى شۇكى، پىروگراممېرلار سەۋەبىدىن كىشىلەرنىڭ كۈنلىرى بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى، ئەمما ئۇلار يوق كۈنلەرنى ئادەم تەسەۋۋۇر قىلىشتىنمۇ قورقىدۇ.

كود سۆرۈن تەلەت، پىروگراممېرلار ئۇلارنى خىلمۇخىل  رەڭدار ئەپلەرگە ئايلاندۇرىدۇ.

كود زېرىكىشلىك، پىروگراممېرلار ئۇلارنى بىرلەشتۈرۈپ  قىزىقارلىق ئويۇنغا ئايلاندۇرىدۇ.
ئەگەر دۇنيادا پىروگىراممىلار بولمىسا نىمىشلار يۈز بىرىدۇ؟
پىروگراممېرلار ئۆزىنى  دائىم  كود  دېھقان، IT  ئىشچىسى دەپ مازاق قىلىدۇ، گەرچە ئۇلار قىزىقچىلىق ۋە ئۆزىنى مەسخىرە قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ ، نۇرغۇن سىرلار يوشۇرۇنغان بولىدۇ.

ھەربىر پىروگراممېر بۇ ساھەگە قەدەم قويغان دەسلەپكى مەزگىلدە، تۇنجى بولۇپ  « Hello, World» دېگەن سۆزنى يازىدۇ، بۇ ئاددىي سالاملىشىش بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلار بۇ كود ئارقىلىق دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ.
ئۇلار  كود ئارقىلىق رەقەملىك ئىستېمال دۇنياسىنى بەرپا قىلىپ، كىيىم ـ كېچەك، يېمەك ـ ئىچمەك، تۇرالغۇ، قاتناش بىلەن تولۇق قاپلانغان دۇنيانى ، شۇنداقلا ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان ئىشقا ئورۇنلىشىش، سودا پۇرسىتى ۋە بايلىقنى بارلىققا كەلتۈردى.

ئۇلار  كود ئارقىلىق رەقەملىك ئالاقە دۇنياسىنى بەرپا قىلىپ، دۇنيانىڭ ئۇ چېتىدىكىلەر بىلەن سىردىشىشنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى،ئۇلار بولغاچقا  دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن ئىشلار  كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە دۇنيانىڭ يەنە بىر تەرىپىگە  يېتىپ بارىدۇ. ئۇلار بولغاچقا مەن مۇنۇ يازمىنى يىزىپ ئولتۇردۇم سىز كۆرۈپ تۇرىۋاتىسىز…🤦🏻‍♂️

ئۇلار كود ئارقىلىق رەقەملىك ئۇچۇر كەنتىنى بەرپا قىلدى،  بىز پۈتۈن ئىنسانىيەتتىكى  نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان يىغىلىپ كەلگەن ئۇچۇرلارنى، تور كۆرگۈچ ئارقىلىق، ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپلا بىلەلەيمىز.
پىروگىراممىلارغا ئىھتىرام بىلدۈرىمىز…تۈگىدى!

ئەگەر دۇنيادا پىروگىراممىلار بولمىسا نىمىشلار يۈز بىرىدۇ؟
مەنبە:ئىزھار بىلوگى
https://blog.izhar.cn



© بايانات
THE END
ياقتۇرسىڭىز قوللاپ قويۇڭ
يۈرەك بىرىش2تارتۇقلاش
بەھىرلىنىش
ئىنكاس جەمىي7تال

ئاۋال كىرىپ ئاندىن ئىنكاس يىزىڭ

    • Peaky
    • بىرلا قاس بىلەن يوقىلىدىغانغا زەنۇس تىرىلمىگەندۇ 😁😁
      4 ئاي بۇرۇن
    • Naruto
    • 🤦🏻‍♂️🤦🏻‍♂️🤦🏻‍♂️🤦🏻‍♂️🤦🏻‍♂️
      4 ئاي بۇرۇن