Linux ئارقلىق توردىن ماتىريال چۈشۈرۈش


كۆپىنچى ئۆگەنگۈچىلەر بىلمەسلىكى مۇمكىن،ئەمەلىيەتتە Linux دىمۇ ۋىندوۋس مەشخۇلات سىستىمىسىغا ئوخشاش توردىن ماتىريال چۈشۈرگىلى بولىدۇ(مەنمۇ يڭىدىن بىلىۋالدىم)

ئۇنداقتا قانداق قىلىمىز،ماتىريال چۈشۈرۈشكە كومپىيۇتىرىمىز بار تۇرسا نىمىشقا لىناكىس تا چۈشۈرىمىز دىگۈچىلەر ئاتلاپ ئۆتۈپ كىتىڭ،دىمەك سىز بۇ ھۆنەرگە ئىھتىياجلىق ئەمەسكەنسىز!

خۇش ئۇنداقتا ئەسلى مەقسەتكە قايتىپ كەلسەك بىز ئاتايىتەن كومپىيۇتىرغا Linux قاچىلاپ يۈرمىسەكمۇ بولىدۇ،ئۆزىمىز ئىشلىتىۋاتقان مۇلازىمىتىر ئارقىلىق چۈشۈرسەكمۇ بولىدۇ..ئەلۋەتتە چۈشكەن ماتىريال مۇلازىمىتىرغا ساقلىنىدۇ!

مۇلازىمىتىرغا كىرگەندىن كىيىن قارايدىغان بولساق 终端 دەپ بىر تۈر بار شۇنى بىسىپ تۇنجى قىتىمدا مۇلازىمىتىر كىرىش ئىسمى ۋە پارولىنى كىرگۈزىمىز(ئەسكەرتىش:بۇ باۋتانىڭ ئىسىم پارولى ئەمەس مۇلازىمىتىرنىڭ ئىسىم پارولى)ئاندىن ئۈستىدىكىدەك # ھالەتتە بۇيرۇق رامكىسى تەييار بولىدۇ

wget-p /www/wwwroot/izhar

ئۈستىدىكى كودنى كۆچۈرۈپ بۇيرۇق رامكىسىغا كىرگۈزۈپ ئىنتىرنى باسساق چۈشۈرۈشنى باشلايدۇ

بۇنىڭدىكى wget-p بۇيرۇق كودى /www/wwwroot/izhar بولسا مۇلازىمىتىرنىڭ شۇ ناملىق ھۆججەت قىسقۇچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ،بۇ كودنىڭ مەنىسى پالانى ھۆججەتنى ئاشۇ مۇندەرىجىدىكى ھۆججەت قىسقۇچقا چۈشۈر دىگەننى بىلدۈرىدۇ.



© ئۇچۇر قوغداش ئىزاھات نامىسى
THE END
ياقتۇرسىڭىز قوللاپ قويۇڭ
ياقتۇرۇش1تارتۇقلاش
ھەمبەھىرلەش
ئىنكاس جەمئى 3دانە

تىزىملىتىپ كىرىپ مەشخۇلات قىلىڭ

    • 神经蛙
    • قايلاپ باقسام بۇنىڭغا شاڭگاڭ مۇلازىمىتىر بوسا تۇز تامىتكەن
      11ئاي بۇرۇن