كومپىيۇتىرغا winpe ئارقىلىق ئەسلى سىستىمىنى قاچىلاش

سالام تورداشلار~

بىز ئالدىنقى تىمىمىزدا ۋىندوۋس 11 ئەسلى نۇسقىنى تەمىنلىگەن ئىدۇق،يەنى «Windows11 نىڭ خەنزۇچە نەشىرى iso ئەسلى نۇسخىسى »بۇ قىتىم شۇ سىستمىنى winpe ئارقىلىق قاچىلاش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز، نىمىشقا winpe ئارقىلىق قاچىلايمىز؟ چۈنكى بەزىلىرىمىنىڭ كومپىيۇتىرى سىستىما ماس كەلمىگەنلىك ئۇچۇرى چىقىرىپ بىرىپ گۆشىيىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن .

ناۋادا بىۋاستە قاچىلاشنى سىناپ باقىدىغانلار بوپ قالسا سىستىمىنى چۈشۈرگەندىن كىيىن ياسودىن يىشىپ stup نى بىۋاستە ئىجرا قىلساڭلا كومپىيۇتىرڭلانى تەكشۈرۈپ قاچىلاشقا ماس كەلسە ئۇدۇل قاچىلايدۇ،قاچىلاشقا ماس كەلمىسە ئاستىدىكىدەك ئۇچۇر چىقىدۇ.

izhar博客

يۇقارقى رەسىمدىكى ئۇچۇر بولسا مىنىڭ كومپىيۇتىرىمنىڭ ۋىندوۋىس 11 غا ماس كەلمىگەنلىك ئۇچۇرى.

ئەمدى تىمىغا قايتايلى .

izhar博客

ئاۋال بارماق دىسكا تەييارلىۋالىمىز.ئاندىن بەيدۇدىن 大白菜U盘启动دەپ ئىزدىتىپ دابەيسەي ئورگان تورىدىن قوزغاتقۇچ پىروگىراممىنى چۈشۈرۋالىمىز.

izhar博客

دابەيسەي قوزغاتقۇچ پىروگىراممىسىنى چۈشۈرۋالغاندىن كىيىن ئاستىدىكى سىن دەرىسلىك بويىچە بارماق دىسكىغا قوزغاتقۇچ ياسايمىز.

ئاندىن كومپىيۇتىرنى قايتا قوزغىتىپ F8/F12 ياكى Delete(بەزى كومپىيۇتىرلارنىڭ ئوخشاش ئەمەس شۇڭا ئۆزىڭىز بىلىپ كىرسىڭىز بولىدۇ) كونۇپكىسى ئارقىلىق بىيوسقا كىرىپ بارماق دىسكىدىن قوزغىلىشقا تەڭشەيمىز.مەسىلەن ئاستىدىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك USB دىگەن شۇ دەل بارماق دىسكىنى كۆرسىتىدۇ.

izhar博客

بۇ رەسىم پايدىلنىش ئۈچۈن بىرىلدى

بارماق دىسكىغا ئورناتقان قوزغاتقۇچ قوزغالغاندىن كىيىن ئاستىدىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ئورۇننى تاللاپ winpe غا كىرىمىز.

izhar博客

بۇ رەسىم پايدىلنىش ئۈچۈن بىرىلدى

winpe غا كىرگەندىن كىيىن ئىكراندا تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك قاچىلاش پىروگىراممىسى سەكرەپلا چىقىدۇ.

izhar博客

بۇ رەسىم پايدىلنىش ئۈچۈن بىرىلدى

ئاندىن 浏览 نى بىسىپ چۈشۈرۋاغان windos11 نىڭ iso ھالەتتىكى نۇسقىنى تاللاپ بىرىمىز ۋە مۇقىملاشنى باسىمىز ئاندىن سىستمىنى يىڭپەنگە يىيىشقا باشلايدۇ،بۇ چاغدا س دىسكا فورماتلىندۇ.سىستىما يىيىلىپ بولغاندا قايتا قوزغىتىش بۇيرۇقى چىقىدۇ مۇقىملاشنى بىسىپ قايتا قوزغىتىمىز.شۇنىڭدىن كىيىنلام كومپىيۇتىر قايتا قوزغىلىپ سىستىمىنى قاچىلاشنى باشلايدۇ.

سىستىما قاچىلىنىپ بولغاندىن كىيىن تەڭشەككە كىرىپ سىستىما يىڭىلاشنى باسسىڭىز شىيەنكا ۋە باشقا 驱动 لارنى ئۆزى يىڭىلاپ قاچىلاشقا باشلايدۇ،ئاندىن سىستىما ئەڭ يىڭى نەشىرگە يىڭىلنىدۇ بۇ جەرياندا كۈتۈپ تۇرىشىڭىز كىرەك.

izhar博客

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: 1.سىستىما قاچىلغاندا س رايوندىكى بارلىق ماتىرياللار يۇيلىدىغان بولۇپ ئىكران يۈزىدىكى مۇھىم ھۆججەتلەرنى زاپاسلىۋىلىڭ.2. ۋىندوۋىس 11 نى قاچىلاش جەريانىدا قوزغىتىش نۇمۇرى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن بۇ چاغدا نۇمۇر يوق دەپ قاراپ تۇرماي ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتسىڭىز بولىدۇ چۈنكى بۇ سىستىما ھازىرچە ھەقسىز.ناۋادا قاچىلاش جەريانىدا قىيىنچىلىققا يولۇقسىڭىز izharbegim بۇ ئۈندىدارنى ئىزدەپ قوشۇپ مەسلەھەت سورىسىڭىز بولىدۇ.

 

Windows11 نىڭ خەنزۇچە نەشىرى iso ئەسلى نۇسخىسى

كومپيوتېرغا Win10+Ubuntu17.04 قوش سېستىما قاچىلاش

PE ﻗﻮﺭﺍﻟﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ 7 winﻧﯩﯔ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﻧﻮﻣﯘﺭﯨﻨﻰ ﺗﺎﺯﯨﻼﺵ

ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﯕﺸﻪﯓ: ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ win10 ﻧﯩﯔ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻰ10 ﮔﯧﮕﺎﺑﺎﻳﺖ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﺪﯗ

izhar博客
ئىزھار بىلوگى تور بىكەت قۇرۇش كومپىيۇتىر ئىشلىتىش ۋە يانفۇنغا ئالاقىدار مەزمۇنلارنى ئىجادى يوللايدىغان سالون ،بىكىتىمىزنىڭ (سالونىمىزنىڭ )يازمىلىرىنىنى سالون ياكى بىكىتىڭىزدە ئىلان قىلماقچى بولسىڭىز ئاپتور بىلەن ئالاقىلىشىپ ئاپتورنىڭ ماقۇللىقىنى ئىلىپ كۆچۈرۈپ تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

© 版权声明
THE END
喜欢就支持一下吧
点赞0 分享
ئىنكاس رايونى 抢沙发
头像
ئىنكاس كىلىۋاتىمەن دىمەيدۇ
提交
头像

昵称

取消
昵称代码