‫ ‫ئۈنـدىداردا بىخەتەر جـەسـەت تەكشۈرۈش دېتالى

ئۈندىداردىكى جەسەت ئەزالار بىزنى ئۆچۈرۋەتكەن ياكى قارا تىزىملىككە كىرگۈزىۋەتكەن ھەم ئۈندىدارى توڭلاپ قىلىش سەۋەبىدىن ئىشلەتمەي تاشلىۋەتكەنلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇنى تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان دېتال ۋە تور بىكەتلەرمۇ بار، ئەمما قايسىنىڭ ئىشەنچلىك قايسىنىڭ ئىشەنچسىز ئىكەنلىكىنى ئايرىش تەس. بۈگۈن ئېھتىياجلىق تورداشلارغا شۇ خىلدىكى دېتالدىن تونۇشتۇرماقچى، بۇ بۇرۇنمۇ ئىشلىتىپ  باققان 真实好友نىڭ ئۈندىدار 8.0.28 نەشىرىگە ماسلاشتۇرۇلغان يېڭى نەشىرى.

بۇ دېتالنىڭ تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ پىرىنسىپى ۋە دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار :

1-تەقلىدىي پۇل يۆتكەش مەشغۇلاتى قىلىش ئارقىلىق، قارشى تەرەپكە دەخلى قىلمىغان ئاساستا، ئۈندىداردىن ئۆچۈرۋەتكەن ياكى ئۆچۈرۋەتمىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىدۇ. بۇ پەقەت تەقلىدىي مەشغۇلات ھەقىقەتەن پۇل يۆتكىۋەتمەيدۇ.

2- ئەگەر ئىشلەتكىنىڭىز ئوپپو، ئەيكۇ يانفۇنلىرى بولسا، ئىشلىتىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئارقا سۇپىدىكى  后台高耗电غا ھوقۇق بىرىشىڭىز كېرەك، بولمىسا مەشغۇلات ئۇزاقراق داۋاملاشسا سىستېما ئاپتوماتىك توختىتىۋىتىدۇ.

3- تەكشۈرۈش جەريانىدا ئەگەر مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن مەشغۇلاتتىن توختاپ قالسا، دېتالنى قايتا ئىجرا قىلساق كەلگەن جايىدىن باشلاپ داۋاملاشتۇرىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:

تەس بولمىغاندىكىن ئاستىدىكى ئېلاننى بىر چەككەچ ئۆتۈپ كېتىڭ.

دېتالنى قاچىلاپ ئاچقاندىن كېيىن رەسىمدە كۆرسىتىلگەن «无障碍权限» نىڭ ئېچىش كۇنۇپكىسىنى چەكسەك، توسالغۇسىز مەشغۇلات ھۇقۇقى بىرىش تىزىملىكىگە ئاتلايدۇ. 已下载的应用دىن 李跳跳.真实好友4.0نى تاللاپ 允许 كۇنۇپكىسىنى چېكىپ ھوقۇق بىرىمىز.

izhar博客

ئاندىن ئەپنىڭ باش بېتىگە قايتىپ، «开始检测» نى چېكىمىز، كېيىن ئىشلىتىشتە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار، جۈملىدىن پىرىنسىپنى چۈشىنىش، قانداق قىلىپ توختىتىش، قاتارلىقلارنىڭ چۈشەندۈرىشى چىقىدۇ، بۇ يەردە بىۋاسىتە ئاستىدىكى«开始» نى چېكىمىز.

izhar博客

ئاندىن ئەپ ئاپتوماتىك ھالدا ئۈندىدار كۆرۈنمە يۈزىگە ئالمىشىپ ئاپتوماتىك تەكشۈرۈشنى باشلايدۇ، باشقا مەشغۇلات قىلمايمىز. كونكرېت تەكشۈرۈش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى دوستىڭىزنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ، دوستىڭىز قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىدۇ، تەكشۈرۈش جەريانىدا پەقەت ئاخىرلاشتۇرۇش ئەسكەرتىشىنى ساقلىسىڭىزلا بولىدۇ، ھېچقانداق مەشغۇلات قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.

تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئەپنىڭ 异常 تۈرىدە بىزنى ئۈندىدارنى ئۆچۈرۋەتكەنلەر، قارا تىزىملىككە كىرگۈزۋەتكەنلەرنى ھەمدە ئۈندىدارى توڭلاش سەۋەبىدىن تاشلىنىپ قالغانلارنى ئايرىپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ. كەينىدىكى قىزىل رەڭلىك ئەسكەرتىشنى چەكسەك ئۈندىدار نومۇرى كۆچۈرىلىدۇ، بىۋاستە ئىزدەپ ئوچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

izhar博客

ئەگەر بىزنى ئۆچۈرۋەتكەنلەرنى تېز سۈرئەتتە ئۆچۈرىمەن دېسەك، دېتالنىڭ 批量备注 ئىقتىدارىدىن پايدىلانساق، ئۆچۈرۋەتكەنلەرنىڭ ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا bsc@، قارا تىزىملىككە كىرگۈزۋەتكەنلەرنىڭ ئىسمىنىڭ ئاخرىغا blh@ ھەرپىنى قوشۇپ قويىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ئايرىپ ئۈندىدارنىڭ تۈركۈملەپ ئۆچۈرۈش ئىقتىدارى ئارقىلىق ئۆچۈرۋەتسەكمۇ بولىدۇ.

izhar博客

ئەپنىڭ مەشغۇلات سۈرئىتى، 58 نەپەر ئادەمنى تەكشۈرۈشكە ئۈچ مىنۇتقا يېقىن ۋاقىت كېتىپتۇ، دېمەك بىر مىنۇتتا 20 نەپەر ئەتراپىدا تەكشۈرەلەيدىكەن.

ئەمدى ئەڭ مۇھىم نۇقتا ئەپنىڭ بىخەتەرلىكى ھەققىدە

سالۇنغا ھازىرغىچە كۆزىمىزنى يۇمۇپلا تورداشلارغا زىيانلىق بىرەر تال تېما ياكى ئەپ يوللىنىپ باقمىدى، يوللاشتىن بۇرۇن ئەلگەكتىن ئون ئۆتكۈزۈپ تاللاپ يوللاۋاتىمىز. بۇ ئەپمۇ شۇنداق، ھىچقانداق ئارتۇق ھوقۇق تەلەپ قىلمايدۇ، ئەپ تورغا ئۇلانمىغان ھالەتتىمۇ ئىشلەيدۇ. ئەپ تەھرىرلەش دېتالى ئارقىلىق تەكشۈرگەندىمۇ ئاپتوماتىك مەشغۇلات قىلىش ھوقۇقىدىن باشقا ھىچقانداق ھوقۇق تەلەپ قىلىش كودى يوق.

izhar博客

ئەمما نەچچە يۈزلىگەن ئادەمنى بىر قېتىمدىلا تەكشۈرگەندە تېڭشۈننىڭ ئادىتى بويىچە مەشغۇلات قېتىم سانى بەك زىچ بوپكەتتى دەپ مەسىلە كۆرۈلۈپ قىلىشى مۇمكىن، شۇڭا مۇشۇ نۇقتىغا دېققەت قىلىسىڭىزلا ئۈندىداردىن چىقمايدۇ.

چۈشۈرۈش ئۈچۈن سالۇنغا 1003نى يوللاڭ، سالۇننى قوللاپ قويۇشنى ئۇنۇتمىساڭلار دېتاللارمۇ سان يوللىغاندا سالۇندا بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى ئەۋەتىدىغان ھالەتتە يوللىنىدۇ.

مەنبە: https://mp.weixin.qq.com/s/ZP04zseM98in9bMc25JHkg

© 版权声明
THE END
喜欢就支持一下吧
点赞13 分享
ئىنكاس رايونى 抢沙发
头像
ئىنكاس كىلىۋاتىمەن دىمەيدۇ
提交
头像

昵称

取消
昵称代码