ئالدىنقى قېتىم دۆلەت ئىچىدىكى بىر نەچچە شىركەتلەر ھەمكارلىقىدىكى Linux يادرولۇق uOS مەشغۇلات مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ خەۋىرىنى بەرگەن ئىدۇق، ئۇنىڭدىن كېيىن خۇڭمېڭ ھەققىدىكى تېمىلاردىمۇ نېمىشقا خۇڭمېڭنى نۆلدىن باشلاپ يازمايدۇ، نېمىشقا ئۇنىڭمۇ يادروسى Linux بولىدىغانلىقى ھەققىدە مۇنازىرلەر قىزىپ كەتتى. مەيلى Huawei نىڭ مۇستەقىل ياساپ چىققان Harmony OS بولسۇن ياكى يۇقارقىدا تىلغا ئالغان uOS بولسۇن نىمىشقا ھەممىسى Linux يادرولۇق؟ نېمىشقا بىرەر شىركەت ئۆزى مۇستەقىل مەشغۇلات سىستېمىسى يادروسىنى ياساپ چىقمايدۇ؟
1. تەتقىقات ۋە ۋاقىت چىقىمى ئىنتايىن يۇقىرى.
ھازىر دۇنيادا پەقەت 3 مۇستەقىل مەشغۇلات سىستېمىسى يادروسى بار، ئۇلار Microsoft windows, Unix, Linux
ئۇنىڭدىن باشقا تا ھازىرغىچە بار بولغان بارلىق مەشغۇلات سىستېمىلىرى مۇشۇ ئۈچ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ يادروسىنى ئاساس قىلىپ ياساپ چىقىلغان.
Unix مەشغۇلات سىستېمىسى 1970-يىلى ئامېرىكا بىل تەجرىبىخانىسىدا بارلىققا كەلگەن.
Windows مەشغۇلات سىستېمىسى يادروسى تۇنجى نەشىرى 1983- يىلى بىلگەيتىس تەرىپىدىن يېزىپ چىقىلغان دەپ قارىلىدۇ.
Linux مەشغۇلات سىستېمىسى 1991-يىلى Linus torvalds تەرىپىدىن Unix نىڭ ئۆلچىمىنى قايتىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ 0 دىن باشلاپ قايتا يېزىپ چىقىلغان ۋە LGPL v3 ئوچۇق كودلۇق يۇمشاق دېتال ئىشلىتىش ئىجازەت كىلىشىمىدە تارقىتىلغان.
يۇقارقى مەشغۇلات سىستېمىلىرىنىڭ ئەڭ ئۇزۇنلىرىغا 50 يىل بولدى، ئەڭ قىسقىلىرىغىمۇ 29 يىل بولدى.
Linux 3.3 نەشىرىنىڭ كودى ئاللىبۇرۇن 15 مىلىيون قۇر كودتىن ئېشىپ بولدى.
Windows vista, Windows 7 نىڭ كودى 50 مىليون قۇردىن ئاشىدۇ. Windows 7 نى تەتقىق قىلىپ ياساشقا 23 گۇرۇپپا، 1000 دىن كۆپ ئادەم قاتناشقان، بۇ 1000 ئادەمنىڭ ھەممىسى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى پروگراممىر، مۇتەخسىسلەر. كەتكەن چىقىم 20 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ.
ئۇلارنىڭ پىشىپ يىتىلىش دەرىجىسى ئاللىبۇرۇن ئەڭ ياخشى سەۋىيەنى يارىتىپ بولدى، بۇنداق ئىنتايىن قىممەت تۈرنى ھازىر دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر شىركەت يەنە قايتىدىن قىلىشنى ئويلاشمايدۇ، بۇ پەقەت پۇلى بولغانغىلا بولىدىغان ئىش ئەمەس، بۇ ئۇزۇن سىجىللىق ھەم ۋاقىت تەلەپ قىلىدىغان ئىش، 0 دىن باشلاپ مەشغۇلات سىستېمىسى يادروسى يېزىپ ھازىرقى ھازىرقى بار بولغان مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىقى، كۈچلۈكلىكىگە يەتكۈزۈش ۋاقىت ۋە ئىقتىساد تەننەرخى ئىنتايىن يۇقىرى، بۇنى مۇتلەق كۆپ ساندىكى شىركەتلەر كۆتۈرۈپ بولالمايدۇ.
بۇ پەقەت يۇمشاق دېتال بىلەنلا تۈگىمەيدىغان ئىش، فىزىكا، ئىلىكتىرون، خىمىيە، ماتېماتېكا، جۇغراپىيە، بىئولوگىيە، يۇمشاق دېتال… ،دىگەندەك كۆپ ساھەلەر بىلەن زىچ ھەم مۇرەككەپ باغلىنىدۇ.
2.تەتقىقات ۋە ۋاقىت مەسىلىسى ھەل بولدى دەپ ئويلىساق ئۇنداقتا ئىش ئەمدى باشلىنىدۇ، بىزگە چوقۇم دۇنيادىكى بار بولغان بارلىق قاتتىق دېتال كارخانىلىرى ماسلىشىپ بېرىشى، قوللاش بىلەن تەمىنلىشى كىرەك، يەنى غايەت زور قاتتىق دېتال قوزغاتقۇچلىرى.
كومپىيۇتېر، مۇلازىمىتىرلارنى دىمەيلى، قولىڭىزدىكى تېلېفوننىلا مىسالغا ئالايلى، بىز نۆۋەتتىكى مەلۇم بىر تېلېفونغا ئۆزىمىز 0 دىن باشلانغان مەشغۇلات سىستېمىسى لاھىيەلەش جەريانىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ چۈشىنىپ باقايلى:
1.1 بىر يانفون نۇرغۇن نۇرغۇن قاتتىق دېتال ۋە پارچە زاپچاسلاردىن تۈزۈلىدۇ، مەسىلەن مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، سىنكارتا، ساقلىغۇچ، باتارىيە،كۆرسەتكۈچ ئىكران، سىزىمچان ئىكران، يانتۇلۇق سىنزورى، سىمسىز خەۋەرلىشىش مودۇلى، كۆكچىش مودۇلى، سىمسىز تور مودۇلى، ئىنفىرا قىزىل نۇر سىنزورى، ياڭراتقۇ، &ئاۋاز بىر تەرەپ قىلىش مودۇلى، توك مەنبە باشقۇرۇش مودۇلى، NFC مودۇلى، GPS مودۇلى، كامىرا، بارماق ئىزى سىنزورى…. بەك بەك جىق.
يەنى، كومپىيۇتېر، يانفون دېگەندەك ئەقىلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكترون ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بارلىق قاتتىق دېتاللىرى پروگرامما (كود) ئارقىلىق كونترول قىلىنىدۇ. بۇ كونترول قىلىش جەريانىنى مەشغۇلات سىستېمىسى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. شۇڭا بارلىق قاتتىق دېتاللارنىڭ قوزغاتقۇچىسى (پروگراممىسى) بار. مەسىلەن: پىرنتېرنىڭ قوزغاتقۇچىسىنى كومپىيۇتېرغا قاچىلىمىسىڭىز پىرېنتېرنى كومپىيۇتېرغا ئۇلىسىڭىزمۇ كومپىيۇتېر ئۇ پىرېنتېرنى تونۇمايدۇ. خەت باسقىلى بولمايدۇ.
ئاۋال CPU دىن كىلەيلى، مەسىلەن بىز CPU نى كۇۋالكوم نى ياسىدى دەپ تۇرايلى، بىزنىڭ مەشغۇلات سىستېمىمىز Qualcomm نىڭ CPU سىدا ئىجرا بولىشى كىرەك، يەنى CPU نى كونتىرول قىلالىشى، بۇيرۇق ئەۋەتەلىشى، ئىشلىتەلىشى كىرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاشۇ CPU نىڭ بۇيرۇق توپلىمى قولىمىزدا بولىشى كىرەك، ئىچىدىكى رىگىستىر، ئىچكى قۇرۇلمىسىغا پىششىق بولىشىمىز كىرەك، بۇلار ئۇلارغا نىسبەتەن مەخپىي بولىشى مۇمكىن، بۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە Qualcomm قىلىپ بېرىشى كىرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن نېمىگە ئاساسەن بۇلارنى ئۇلار قىلىپ بېرىشى كىرەك؟ قانداق قايىل قىلىمىز؟
ياكى ئۆزىمىز ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرغا قويساق بۇنىڭ تېخنىكىلىق قوللىشى ۋە تېخنىكا مەخپىيەتلىكىنى بىزگە تەمىنلەشكە قوشۇلامدۇ؟
ئۇلار قوشۇلدى دەيلى، ئەمدىكى مەسىلە Qualcomm نىڭ ياكى ئەنگىلىيە ARM ئۆزەك لاھىيەلەش شىركىتىنىڭ ئىنژىنىرلىرى بىلەن بىر يىل زىچ ھەمكارلىشىپ بۇيرۇق توپلىمىنى ئىگىلەپ ئۆزىمىزنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىغا ئاشۇ نىشان CPU نىڭ بۇيرۇق توپلىمىنى كىرگۈزۈپ تۇتاشتۇرۇش كىرەك.
1.2 گىرافىك كارتا، تېلېفوننىڭ گىرافىك كارتىسى ئادەتتە مۇستەقىل بولمايدۇ، ئۇنى CPU نىڭ ئىچىگە توپلاشتۇرۇپ SOC ئۆزەك ھالىتىدە لاھىيەلەيدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن بىز يەنىلا Qualcomm نىڭ ئىنژىنىرلىرى بىلەن بىر يىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ.
1.3 ساقلىغۇچ، دۇنيادىكى 70 پىرسەنىت ساقلىغۇچ ئۆزىكىنى Samsung ئىشلەپچىقىرىدۇ، بەلكىم مەشغۇلات سىستېمىسىدا ساقلىغۇچ باشقۇرۇشقا ئالاقىدار ئىشلارنىڭ بولماسلىقىنى بىز بىلمەيمىز، بۇ چاغدا Samsung نىڭ باش شىتابىغا كورىيەگە قاراپ ئۇچۇشقا تورا كېلىدۇ،
1.4 ئىكران، ئىكراننى Samsung AMOLED دەپ تۇرايلى، بۇ تېخنىكىلىق قوللاشنى Samsung تەمىنلىشى كىرەك، ئەگەر سىزىمچان ئىكراننىمۇ شۇلار تەمىنلىگەن بولسا بۇ چاغدا يەنە تەتقىقات چىقىمى قوشۇلىدۇ، كۆرسىتىش ئىكرانىنىڭ كونتىرول ئۆزىكى ياكى ئالاقە كىلىشىمىنى ئۈگىنىشىمىز، سىزىمچان ئىكرانىنىڭ ئالاقە كىلىشىمىنى ئۈگىنىشىمىز، شۇلارنى پروگرامما ئارقىلىق يېزىپ چىقىشىمىز كىرەك.
1.5 يانتۇلۇق سىنزورى، يەنى بىز ئويۇن ئوينىغاندا تېلېفوننىڭ يانتۇلۇقى بىلەن ئويۇن ئوينايتتۇق ئەمەسمۇ، بۇ سىنزورنى باشقا بىر شىركەت ئىشلەپچىقىرىشى مۇمكىن، بۇنىڭ ئۈچۈن شۇ شىركەتكە بېرىپ تېخنىكا ھەمكارلىقى قىلىپ كىلەيلى.
1.6. سىمسىز خەۋەرلىشىش مودۇلى، يەنى GSM مودۇلى دەپ تۇرايلى، بۇ يەردىمۇ بىز بىر قاتار مەسىلىلەرگە يولۇقىمىز، ئەگەر ئۈسكۈنىمىزنىڭ 4G ئاساسى بەلباغ ئۆزىكىنى Qualcomm ئىشلەپ چىقارغان دەپ پەرەز قىلساق ئۇ چاغدا ئاۋال ئامرىكىغا بارىمىز، خەۋەرلىشىش تېخنىكىلىرىنى ئۈگىنىمىز، Qualcomm نىڭ ئىنژىنىرلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ خەۋەرلىشىش، تورغا ئالاقىدار قوزغاتقۇچ پروگراممىلىرىنى يازىمىز، 1 يىل دەپ تۇرايلۇق.
ئەمدى بەلكىم بىرلەشمە خەۋەرلىشىش، كۆچمە ياكى تىلىگىرافقا سەپەر قىلىشىمىز تامامەن مۇمكىن، چۈنكى ئۇلارمۇ بىزگە بىر قىسىم تېخنىكىلارنى تەمىنلىگۈچى، ھەم تور شۇلارنىڭ قولىدىنمۇ چىقىدۇ.
1.7 كۆكچىش مودۇلى بىلەن سىمسىز تور مودۇلىنى بىر ئۆزەك ئۈستىگە توپلاشتۇرغان ھەمدە ئۇنى Qualcomm تەمىنلىگەن دىسەك يەنە قايتا Qualcomm بىلەن ھەمكارلىشىشنى باشلاش كىرەك.
ئىنفىرا قىزىل نۇر سىنزورىنى ئىكران ئىشلەپچىقارغۇچى تەمىنلەيدۇ، شۇڭا توختالمىدۇق.
1.8 ياڭراتقۇ، ئاۋاز كارتىسى/ئاۋاز مودۇلى، ئاۋاز بىر تەرەپ قىلىشمۇ مۇستەقىل بىر تېخنىكا، ئۇنىمۇ مەخسۇس مۇستەقىل ئىشلەپ چىقىرىدىغان تېخنىكىلار بار، بۇنى شۇ شىركەتنى ئىزدەپ تېپىپ يۇمشاق دېتال ئىنژىنىرلىرىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ يۇمشاق دېتال ئىنژىنىرلىرىنى ئۇچرىشىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك.
1.9 توك مەنبە باشقۇرۇش مودۇلى، بۇمۇ بەك مۇھىم، بۇ مەخسۇس ئىچكى ساقلىغۇچ، مەركىزى بىر تەرەپ قىلىغۇچ، كامىرا ۋە باشقا ھەر قانداق قاتتىق دېتاللارغا توك تەقسىملەيدىغان زۆرۈر قاتتىق دېتال، ئەلۋەتتە بىز مەشغۇلات سىستېمسى بىلەن خالىغان بىر قاتتىق دېتالنىڭ توك مەنبەسىنى كونتىرول قىلالىشىمىز كىرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن سىز مۇناسىۋەتلىك شىركەتنىڭ دىرىكتورلىرى بىلەن ئۇچرىشىشقا چىقىشىڭىز كىرەك.
1.10 NFC مودۇلىغا كەلدۇق، بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ سىز بىر قاتار تېخنىكىلارنى ئۈگىنىشىڭىز، شۇ قاتتىق دېتالنى ئىشلەپچىقارغۇچى بىلەن ئالاقىلىشىشڭىز كىرەك
GPS مودۇلىغا كەلدۇق، بۇمۇ ئوخشاش، ئەمدى سىز جۇغراپىيە ئۈگىنىڭ.
1.11. كامىرا
كامىرانى ياپونىيە Sony ئىشلەپچىقىرىدۇ دىسەك سىز ئەمدى ياپونىيەگە بېرىشىڭىز كىرەك، ھەمدە ئۇلار بىلەن زور سوممىلىق توختام ئىمزالاپ ياكى ئۇلارنى قايىل قىلىپ تېخنىكا قوللىشىغا ئىرىشىشىڭىز كىرەك.
1.12. بارماق ئىزى سىنزورى، ئەمدى بىئولوگىيەدىنمۇ خەۋىرىڭىز بولمىسا بولماس، چۈنكى سىز بىئولوگىيە بىلمىسىڭىز ئۆلچەملىك ھىساپلاش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقالىشىڭىز قانداق بولۇركىن.
بىز يۇقۇرىدا بىر تېلېفوننىڭ قاتتىق دېتال قوزغاتقۇچلىرىنى تەييارلاش ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىشتۇق.
3. قاتتىق دېتال قوزغاتقۇچلىرىغا ئىرىشكەندىن كىيىن سىز داۋاملىق ھالدا ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىڭىز كىرەك، قانداق قىلىپ بارلىق قاتتىق دېتاللارنى ماسلاشتۇرۇپ مۇكەممەل بىر نەرسە قىلغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئىزدىنىپ تەتقىق قىلىپ ئىنژىنىرلىرىڭىز يەنە نەچچە يىل كود يېزىشى كىرەك.
سىزنىڭ نەچچە مىڭ ئالىم، ئىنژىنىرلىرىڭىز ئاز بولغاندا نەچچە يىل، ھەتتا نەچچە ئون يىل پروگرامما يازغاندا، خىزمەت قىلغاندا ئاندىن ھازىرقى سەۋىيەگە كىلەلىشىڭىز مۇمكىن.
4. ئوموملىشىش، بازاردا مۇۋاپىقىىيەت قازىنىش.
بۇ بىر ئىنتايىن مۈشكۈل جەريان، بىز يۇقارقىدا پەقەت بىر خىل مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، بىرلا خىل ئىكران، بىرلا خىل سىنزورلار، بىرلا خىل خەۋەرلىشىش كارتىسى، بىرلا خىل كامىرا، بىرلا خىل ئۆزەك… دىن پايدىلىنالايمىز خالاس، ئەمما دۇنيادا زادى قانچە مەركىزى بىر تەرەپ قىلۇچ، قانچە خىل سىنزور، قانچە خىل قاتتىق دېتال بارلىقىنى سىز پەرەز قىلالامسىز؟ ھەتتا ARM مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزىلا ئۆز ئىچىدىن نەچچە نەچچە تۈرگە بۆلىنىدۇ، بىر قانچە شىركەتلەر ئىشلەپچىقىرىدۇ.
Microsoft windows phone نىڭ تەقدىرىنى ھەممىمىز بىلىمىز، يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلغىنىڭىز سىزنىڭ ئەمدى تىخى بازارغا كىرەلەيدىغانلىقىڭىزدىن دىرەك بېرىدۇ، ئەمما ھازىرقى مەشغۇلات سىستېمىلىرى ھەلىمۇ ھەم ناھايتى كۈچلۈك.
قانداق قىلىپ نىمىگە ئاساسەن مىنىڭ قولۇمدىكى تېلېفوننى تاشلاتقۇزۇپ نەچچە مىڭغا تېلېفونىڭىزنى ماڭا ساتىسىز؟ نىمىڭىزگە ئاساسلىنىپ ئىشلەتكۈچىلەرنى جەلىپ قىلىسىز؟ پروگراممىرلارنى جەلىپ قىلىسىز؟
Windows phone, black berry, meego, sailfish os, palam os……. دەك سانسىزلىغان سىستېمىلارنىڭ ئىسمىنى توردىن كۆرۈپ بېقىڭ،
خۇلاسە
بىز ئاران تىخى بىرلا خىل قاتتىق دېتاللارنى قوللايدىغان بىر كۆچمە مەشغۇلات سىستېمسى لاھىيەلىدۇق، ئۇنداقتا ئۈستەليۈزى مەشغۇلات سىستېمسىچۇ؟
كومپىيۇتېرنىڭ قاتتىق دېتاللىرى تېلېفوننىڭكىگە قارىغاندا نەچچە ھەسسە كۆپ ئەركىن قاتتىق دېتاللاردىن تۈزۈلىدۇ.
سىز كومپىيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىسى ياسىىسىڭىز ئەڭ ئاۋال Nvidia غا بېرىپ ئىنژىنىرلارنى ئۇچرىشىشقا تەكلىپ قىلىپ قوزغىتىش پروگراممىڭىزنى ئۆزىڭىز ئۇلارغا يالۋۇرۇپ تۇرۇپ يېزىڭ، ياكى ئۇلارغا پۇل بېرىپ يازغۇزۇڭ.
ئۇندقتا Intel, AMD,ATI لارنىڭ گىرافىك كارتىلىرىچۇ؟
Intel,AMD نىڭ X86, X64 قۇرۇلمىلىق نەچچە يۈز خىل CPU لارنىڭ بۇيرۇق توپلىمىچۇ؟ ھەر خىل غەلىتە مەخلۇق سىرىتتىن ئۇلىنىدىغان قاتتىق دېتالارچۇ؟
ئوينايدىغان ئويۇنچۇ؟ ئەمدى ئويۇن شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئويۇن ئاچقۇزارسىزمۇ؟
مۇلازىمىتىرلارغىچۇ؟ نەچچە ئون CPU لۇق، نەچچە يۈز GB ئىچكى ساقلىغۇچنى باشقۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش، كۈچلۈك ھىساپلاش ئىقتىدارى، تۆۋەن قاتتىق دېتال تەلىپى دىگەنلەرنى قانداق ھەل قىلىسىز؟
IOT دەك ئۈسكۈنىلەرچۇ؟
بۇلارنى مەنمۇ بىلمەيمەن.
مەشغۇلات سىستېمىسى يادروسى يېزىش، لاھىيەلەش پەقەت پۇل، بولغانغىلا، ياكى پەقەت ۋاقىت بولغانغىلا، ياكى پەقەت تېخنىكا بولغانغىلا، ياكى پەقەت پۇرسەت بولغانغىلا ۋە ياكى تېخنىكىلىق ھەمكارلىق بولغانغىلا بولىدىغان ئىش ئەمەس، ھىچقايسىسىدىن بىرسى كەم بولسىلا بولمايدۇ، ھەممىسى توپتولۇق بولىشى كىرەك.
شۇڭا بۇنى مەلۇم شىركەت ياكى مەلۇم دۆلەتمۇ تىلغا ئېلىشقا ئاسانلىقچە ئالدىرىمايدۇ، چۈنكى ھازىر نۆلدىن باشلاپ مەشغۇلات سىستېمىسى ياساپ ئومۇملاشتۇرۇش ئايغا چىقىشتىنمۇ قىيىن دېيىشكە بولىدۇ.
مەلۇم بىر شىركەت ئەگەر ئىنتايىن پەۋقۇلادە ئەھۋالغا دۇچ كەلمىسە ھەرگىزمۇ ئۆزى مۇستەقىل 0 دىن باشلاپ مەشغۇلات سىستېمىسى يادروسى تەتقىق قىلىشنى ئويلاشمايدۇ.
ياكى ئەگەر 0 دىن باشلاپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كەلسە ئۇ چوقۇم مەلۇم بىر ساھەنىڭ مەلۇم بىر بۆلىكى ئۈچۈنلا تەتقىق قىلىنغان بولىشى مۇمكىن.
Unix بولسا ھەقلىق مەشغۇلات سىستېمىسى.
Linux بولسا 1991. يىلى تەرىپىدىن Linus torvalds تەرىپىدىن 0 دىن باشلاپ قايتىدىن يېزىپ چىقىلىپ GPL v2 كىلىشىمى بويىچە ھەقسىز ۋە ئوچۇق مەنبەلىك قىلىپ تارقىتىلغان، شۇ كىلىشىم بويىچە ھەر قانداق شەخىس ۋە ئورگان Linux يادروسىنى خالىغانچە ئۆزگەرتسە ۋە ھەقلىق ياكى ھەقسىز ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسە ۋە تەرەققىي قىلدۇرسا بولىدۇ.
ھازىر Linux نىڭ يادروسىنى Linux foundation ھەقسىز ئاسرايدۇ ۋە تېخنىكىلىق قوللاش بىلەن تەمىنلەيدۇ.
شۇڭا مەيلى قايسى دۆلەت ياكى شىركەت بولسۇن يەنە يۇقارقىدەك نۇرغۇن جەريانلارنى يەنە قايتىدىن باشتىن كەچۈرۈپ ئۆزى ئىشنى 0 دىن باشلىمايدۇ، يەنە بىر سەۋەب: ھازىر 1991- يىلىغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ چاغدا ھازىرقىدەك تەرەققىياتلار تېخى بارلىققا كەلمىگەن ئىدى، ئۇ چاغدا كىم باشتا قىلسا شۇنىڭ ھىساپ ئىدى ھەمدە شۇنىڭ ئۆلچەمگە ئايلىناتتى، ئەمما ھازىر يۇقارقى مەشغۇلات سىستېمىلىرى ئاساسلىق ئۆلچەم ھەم شۇلاردا بولۇشقا تىگىشلىك ئىقتىدارلار چوقۇم زۆرۈرىيەتكە ئايلاندى، بىز يەنە قايتىدىن 0 دىن باشلاپ قىلغان تەقدىردىمۇ نۇرغۇن ئىشلار شۇلارنىڭ ئۆلچىمى بويىچە بولىدۇ، بىز چوقۇم ھازىرقى بار بولغان مەشغۇلات سىستېمىلىرىنى مەغلۇپ قىلالىغۇدەك ئىقتىدارلارنى مەيدانغا كەلتۈرەلىشىمىز كىرەك.
نۆۋەتتە بىلىشىمچە دۇنيادا ئۆزى مۇستەقىل مەشغۇلات سىستېمىسى تەتقىق قىلىۋاتقان شىركەتتىن بىردىنبىر Google بولسا كىرەك، يەنى Fuchsia مەشغۇلات سىستېمىسى، ئەپقاچتى گەپلەرگە قارىغاندا ئۇنىڭ يادروسىنى گۇگىل ئۆزى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ئاچىدىكەن، ئەمما بۇنى تولۇق جەزىملەشتۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە بۇ خەۋەرمۇ تارقالغىلى يىللار بولدى، شۇڭا يىڭىلىق ھىساپلانمايدۇ.
ئەگەر چوقۇم تەتقىق قىلىشقا توغرا كەلسە يەنە 50 يىل ئىلگىرگە قايتىپ تەتقىق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟
نېمىشقا ئۇنىڭدىن ھازىر يىڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تېخنىكىلارغا كۈچىمەيمىز؟ مەسىلەن سۈنئىي ئەقىل (AI)، مەۋھۇم رېئاللىق، كۈچەيتىلگەن رىئاللىق دىگەندەك.
شۇڭا مەيلى قايسىسى بولسۇن ھەممىسى ئامالسىزلىقتىن چىقىرىلغان قارار.
akaltun37天前
https://bg.izhar.cn/wp-content/uploads/2021/04/96d6f2e7e1f7.pngzulmatjan1个月前
چۈشۈرگىلى بولمدىيا مەخپى نۇمۇر خاتا داپ再不努力我们就老了 11个月前
makulakaltun11个月前
ھەممەيلەننى ئالتىنجى دەرىجىگى ئەچىقىپ قويىڭەپىنھان11个月前
چۈشۈرگىلى بوممايدىكەن殇v 1年前
چۈشۈرۈشღ᭄ꦿ꫞꯭᭓꯭꫞꯭ℳ᭄ 1年前
سالون باشقىردىغان دىتالغا دەرىسلىك قىلىپ يوللاپ بەرسەڭلە ھۈددەس ياخشى بولۇردىsardar(大忙人)... 1年前
بىلىپ بىلمەي ئىلان چىكىلىپ كەتتى😃