ھەممىمىزگە مەلۇمكى ۋاڭيىيۈن ھازىرقى ئەڭ مودا، ئەڭ يېڭى قىسقا فىلىملەرنى يوللايدىغان سۇپا، بەزى فىلىملەرنى ياقتۇرۇپ قېلىپ چۈشۈرۈپ ساقلىۋالغۇمىز كېلىدۇيۇ لىكىن چۈشۈرەلمەيمىز، بۈگۈن بىز مۇشۇ توغرىسىدا توختالماقچى،
ئاۋال ئاشۇ قىسقا فىلىمنىڭ ھەمبەھىرلەش ئادرسىنى كۆچۈرىۋالىمىز
ئاندىن(yunyinyue.iiilab.com) بۇ تور بەتكە كىرىپ ئادرىسنى كىرگۈزۈپ مۇقىملىسىڭىزلا فىلىم چۈشۈرۈش بېتىگە ئاتلايدۇ.
(تىلفۇندىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلغا ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن چۈشۈرىمىز) مانا مۇشۇنچىلىك ئاددى
ئەسلى مەنبە :ئىزھار بىلوگى
يەنە بىر ھۆنەر:ھەرقانداق توربىكەتنىڭ خەت نۇسخىسىنى چۈشۈرۋىلىش
تور بىكەت ئارلاۋېتىپ مەلۇم بىر بەتتىكى خەت نۇسخىسىغا كۆزىڭىز چۈشتى، لىكىن بۇ خەتنى نۇسخىسىنى پەقەت ئىزدەپ تاپالمىدىڭىز، قانداق قىلىش كېرەك؟
ئالدى بىلەن F12نى بېسىپ ئاشۇ توربەتنىڭ قايسى خەت نۇسخىسىدىن تۈزۈلگەنلىكىنى بىلىۋالىمىز، ئاندىن شۇنىڭ ئۈستىدىقى CSS ھۆججىتىنى تاق چەكسەك ئاشۇ فونىتنى تونۇتقان CSS ھۆججىتى ئېچىلىدۇ، ئاندىن src: url دىن فونىت ھۆججىتىنىڭ مۇلازىمىتردىكى ئورنىنى بىلىۋالىمىز، ئاندىن Sourcesنى بېسىپ فونىت ھۆججىتىنى ئىزدەيمىز ئاندىن فونىت ھۆججىتىنى بېسىپ تۇرۇپ كونۇپكىسىنى قويىۋەتمەي سىرىپ تور كۆرگۈچنىڭ رامكىسىغا ئاپارساق چۈشۈرگىلى بولىدۇ،(ناۋادا فونىت ھۆججىتى بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ئارىسىدا كۆرۈنمىسە src:url دىكى ئادرىسنى بىلگەندىن شۇنى كۆچۈرۈپ چاپلاپ نىم قىلسىڭىز بولىدۇ)، ناۋادا بۇ سىز ئېھتىياجلىق فونىت فورماتى بولمىسا بۇيەرنى بېسىپ ئۆزىڭىز ئېھتىياجلىق فورماتقا ئايلاندۇرۇڭ.
ئەسلى مەنبە:ئىزھار بىلوگى
(بۇ ئۇسۇلدىن توغرا پايدىلىنىڭ،ھەرگىز بۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ باشقا تور بىكەتلەرنىڭ ئالدى بېتىنى ئوغۇرلىماڭ!)